UyghurMain Dictionary
ئىشغال
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تاجاۋۇزچىلىق؛ ئىگىلەش، بويسۇنۇدۇرش، ئىشغال:
بۇ ئىشغال بىرلە ئۆتۈپ ئول تۈنى،
تۈزۈپ بەزم شاھى ئىككىنچى كۈنى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شۇغۇللاندۇرماق، مەشغۇل قىلماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر دۆلەت باشقا بىر دۆلەتنى قورال كۈچى بىلەن بېسىۋېلىش. <قىلماق> بىلەن پېئىللىشىدۇ.
تارىختا موڭغۇل ئىستىلاچىلىرى نۇرغۇن ئەللەرنى ئىستىلا قىلغانىدى. 1990 - يىلى 8 - ئايدا ئىراق كۇۋەيتنى ئىشغال قىلىپ، ئاخىر دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى پارتلىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
قولغا ئېلىش، ئىگىلەش، بېسىۋېلىش، تارتىۋېلىش.
شەھەرنى ئىشغال قىلماق. ئىستىھكامنى ئىشغال قىلماق. پوتەينى ئىشغال قىلماق.