UyghurMain Dictionary
ئېشەكقۇرتى
بىئولوگىيە
<نەم قۇرت> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ قاسىراقلىقلار سىنىپىنىڭ تەڭ پۇتلۇقلار ئەترىتىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ تېنى ئېللىپس شەكلىدە، دۈمبە قورساقلىرى ياپىلاق، كۆكۈچ قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. بىرىنچى سېزىش مۈڭگۈزى قىسقا ۋە كىچىك، ئىككىنچى سېزىش مۈڭگۈزى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ كۆكرەك قىسمى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، جەمئىي يەتتە بوغۇمغا بۆلۈنىدۇ. ھەر بىر بوغۇمىنىڭ ئارقا يان بۇلۇڭى ئۇچلۇق، قورساق قىسمى ناھايىتى قىسقا، ئالتە بوغۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇيرۇق بوغۇمى بولۇپ، ئاساسەن ئۆمىلەپ ھەرىكەتلىنىش رولىنى ئوينايدۇ. قورساق پۇتى قوش پۇتلۇق بولۇپ، ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە بولىدۇ. كۆكرەك پۇتلىرىنىڭ ھەممىسى تاق پۇت تىپلىق بولۇپ، خۇددىي نەپەسلىنىش ئورگانلىرىغا ئوخشاش تۈزۈلۈشكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، نەپەسلىنىش ئورگىنى دەپمۇ ئاتىلىپ، قىسمەن نەپەسلىنىش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئۇ قۇرۇقلۇقتىكى نەم جايلاردا ياشايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئېشەك + قۇرت + ى
ئىسىم
زوئولوگىيە
بىر خىل ھاشارات. تېنى ئېللىپىس شەكلىدە، كۈل رەڭ كېلىدۇ. 1 - سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى قىسقا ھەم كىچىك، 2 - سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى تەرەققىي قىلغان. مەيدە قىسمىدا يەتتە بوغۇمى بولۇپ، ھەربىر بوغۇمىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى مۈڭگۈزدەك ئۇچلۇق كېلىدۇ. قورساق قىسمىدا ئالتە بوغۇمى بولىدۇ. ئاخىرقى بوغۇمى قۇيرۇق بوغۇمى بولۇپ، ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە كېلىدۇ. ئادەتتە ئۇ زەي، نەم جايلاردا ياشايدۇ.