UyghurMain Dictionary
ئىش چاتاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەت ئاقماسلىق، يۈرۈشمەسلىك.
ئۇ ئىش پېتىر بولدى، باشقىچە ئويلىشايلى. قانداق قىلىمىز ئىشىمىز پاسات. ھېلىقى سەن بىلەن قىز تالاشقان يۇڭ باش يىگىت ئىش بېشىدا تۇرغان بولسا، ئىش چاتاق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئىش - ھەرىكەت ئاقمايدۇ، يۈرۈشمەيدۇ، كاشىلا كۆپ> دېگەن مەنىلەردىكى ئىبارە.
- ئىم، ئىش چاتاق، تەركىبىم باي دېھقان بوپتۇ، - دەپ ئالاقزادە بولۇپ يۈردى يۈسۈپ چوڭ.