UyghurMain Dictionary
ئىشىباشى تانزان
دۇنيا تارىخى
(1884 - 1973) ياپونىيە باش ۋەىزى (1956 - 1957). توكيولۇق، ۋاسېدا داشۆسىنىڭ پەلسەپە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1911 - يىلى ياپونىيە شەرقىي ئوكيان ئىقتىسادىي يېڭى گېزىتى ئىدارىسىگە خىزمەتكە كىرىپ، 1925 - 1946 - يىللىرى باش تەھرىر بولغان، 1941 - 1946 - يىللىرى گېزىتخانا باشلىقى بولغان. ياپونىيىنىڭ مىلىتارىزمنى تەنقىدلىگەن. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 1946 - يىلى5 - ئايدا پوشېدا ئىچكى كابىنېتىنىڭ ۋەزىرى بولغان. 7194 - يىلى 4 - ئايدا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. كۆپ قېتىم ئامېرىكا ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى دائىرىلىرىگە قارشى چىققانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1951 - يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1952 - يىلى يەنە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىقىغا سايلانغان. 1954 - يىلى ھاتوياما ئىچىرو قاتارلىقلار بىلەن ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ھاتوياما ئىچىرو ئىچكى كابىنېتىنڭ سودا ئالاقە - سانائەت ۋەزىرى بولغان. 1956 - يىلى 12 - ئايدا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلغان. ئىككىنچى يىلى 2 - ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئىستېپا بەرگەن. 1959 - يىلى جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، جۇئېنلەي زۇڭلى بىلەن بىرگە جۇڭگو - ياپونىيە تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ئۆز ئارا دوستانە ئۆتۈشى كېرەكلىكى توغرىسدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان. 1960 - يىلى <ياپونىيە - ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى> نى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرغان. 1960 - 1962 - يىللىرى ياپونىيە - سوۋېت دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1964، 1972، 1973 - يىللىرى ئۇدا ياپونىيە خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1972 - يىلى ياپونىيە - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پالاتا ئەزالىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1952 - 1968 - يىللىرى رىسشو داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان. <پۇل پاخاللىقى نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى>، <ياپونىيە پۇل مۇئامىلە تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 15 توملۇق <ئىشى باشى تانزان ئەسەرلىرى> بار.