UyghurMain Dictionary
ئېسەن
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ساق - سالامەت، تىنچ - ئامان، ئامان - ئېسەن.
ئامان- ئېسەنلىك سوراشماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كېلەر يىل، كېلىدىغان يىل، كەلگۇسى يىل.
خۇدا ئېسەن قىلسا، ئېسەنگە ئىلىغا بارىمەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىنچ، ساق - سالامەت ئەھۋال.
ئامان بولساق كۆرۈشەرمىز. ئىستىسەڭ ياخشىلىق، ئەقىل پاسبان، قارا بۇلۇتتىنمۇ چىقىسەن ئامان. ئۆتكەن ئېسىڭدە بولسا، ئېسەن بولىسە. ئاپيەت قەدىرىنى مۇسبەتكە گىرىپتار بولغان بىلەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇ يىلدىن كېيىنكى يىل.
يۇرتقا قايتمىغىلى كۆپ بولدى، ئېسەنگە بارىمەن. كېلەر يىلى كېلەر يىلنىڭ ئىشى بار. كېلىدىغان يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىمەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ساق - سالامەت، غەم - ئەندىشىدىن خالى.
تىنچسىز، خېيىم - خەتەر
خەۋپلىك ھالەت، غەم - ئەندىشە.
قايناقسۇ ئىچ، كۆڭلۈك تىنچ. ئەل ئامان - شەھىرىڭ ئامان. ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويىڭ سامان بولماس. ئۆتكەن كۈنۈڭ ئېسىڭدە بولسا، ئېسەن بولىسەن. باش ئامان بولسا، دوپپا تېپىلار. تىنچسىز ئۆتكەن كۈن كۈن ئەمەس. خېيىم - خەتەر كۆز بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاغرىق - سىلاقتىن تازا، سالامەت، ساق.
ئۆي ئىچى، بالا - چاقىلىرى ئېسەندۇ؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كېلەر يىل، كېلىدىغان يىل.
ئېسەندە قەشقەرگە بارىمىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
ساغلام، ساق
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ساق، ساغلام.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ساق، ساغلام كىشى.