Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېرې قانىلى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر伊利运河
yī lì yùn hé
ئامېرىكا نيۇ يورك شتاتىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان قانال بولۇپ، ئېرې كۆلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بۇففالودىن باشلىنىپ، مۇخوك ۋادىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، گۇدزون دەريا بويىدىكى ئولبانىغا بارىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 581 كىلومېتىر، كەڭلىكى 12 مېتىر كېلىدۇ. سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 1.2 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ قانال 1817 - يىلدىن باشلاپ قېزىلغان، 1825 - يىلى پۈتكەن. كېيىن كۆپ قېتىم كېڭەيتىپ قۇرۇلغان. 1909 - يىلى رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇزۇنلۇقى 544 كىلومېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 3.6 مېتىرغا يەتكەن. قانال كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن نيۇ يورك شتاتىدىكى سۇ قاتنىشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلانغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.