UyghurMain Dictionary
ئېرىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قېزىپ ئېچىلغان سۇ ئېقىنى. <ئېرىق> كىچىكرەك، <ئۆستەڭ> چوڭراق، ئاسان سۇغىرىش سىستېمىسى. <قانال> چوڭ ۋە چوڭقۇر، ئومۇمەن كېمە - پاراخوت قاتنايدۇ.
قويمۇ، بۆرىمۇ بىر ئېرىقتىن سۇ ئىچىدۇ. ئېرىقنى ئويۇپ چاپ، سۇنى ئويناپ تۇت. قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب بولماق. سۇۋەيش قانىلىنى مىسىر ھۆكۈمىتى 1958 - يىلى كۈزدە ئەنگلىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر قولىدىن قايتۇرۋالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قول بىلەن قېزىلغان، ئۆستەڭدىن كىچىك سۇ يولى.
ئېرىق چاپماق.
يوققا نېمە يوق؟ - ئېرىقتىكى سۇمۇ يوق (ماقال).
ئېرىقتىكى سۇنىڭ قەدرى يوق (ماقال).