UyghurMain Dictionary
ئىرىم قىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كۆڭلىدە ياخشىلىق، ئوڭۇشلۇق تىلەش مەقسىتىدە، ھەم شۇنىڭغا باشلىنىش بولۇپ قالار دېگەن نىيەت بىلەن شەرتلىك بىرەر ئىشقا بەجاغا كەلتۈرمەك، شەرتىنى سۇندۇرماق.
ھېلىقى كىشىلەر قوراللىرىنى تاپشۇردى. شۇ ئارىدا ئامانقۇل قارىياغاچقا باغلاقلىق تۇرغان ھاجەر باقىنىڭ يېنىغا كېلىپ، <ماۋۇ چوشقىنى ئىرىم قىلايلى> دەپ ئاتماقچى بولدى.
سودىدا شۇ كۈنى بىرىنچى بىر نەرسىنى سېتىپ كىرىم قىلماق، پۇل ئالماق.
- ئۇستام، جىددىي لازىم بولۇپ قالدى، ئون يۈەن بېرىپ تۇرسىلا، مەن چۈشتىن كېيىن قايتۇرسام، - دېدىم تونۇش سودىگەرگە. لېكىن سودىگەر <كەچۈرسىلە، تېخى ئىرىم قىلمىغانىدىم، ئىرىم قىلغاندىن كېيىن بەرسەم> دېدى.