Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىرلاندلار بىرلەشمىسى
دۇنيا تارىخى
爱尔兰人联合会
ài ěr lán rén lián hé huì
1791 - يىلى قۇرۇلغان ئىرلاندىيە مىللىي مۇستەقىللىكنى ۋە سىياسىي - دىنىي ئىسلاھاتنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى تەشكىلات. ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيىسىگە ئىگە بولغان ياش ئادۋوكات تونې (1763 - 1789) باش شتابى بېلفاستتا قۇرۇلغان. ئاساسلىق ئەزالىرى ئىشچىلار، دېھقانلار، ئوتتۇرا ئۇششاق بۇرژۇئازىيە، زىيالىيلار، جۈملىدىن كاتولىكلار ۋە پروتېستانتلار. ئۇ سۈنئىي بولغان بارلىق دىنىي پەرقلەرنى بىكار قىلىپ، بارلىق ئىرلاندلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. شۇنداقلا ئەرلەر ئومۇمىي سايلام ھوقۇقى، يەر ئىسلاھاتى قاتارلىق سىياسىي، ئىقتىسادىي تەلەپلەرنى قويغان. 1794 - يىلى 5 - ئايدا ئەنگلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان. 9617 - 1798 - يىللىرى كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇپ، ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان. 1798 - يىلى 5 - ئايدا باشلانغان قوزغىلاڭ بىر تۇتاش پىلان بولمىغانلىقى ۋە قوماندانلىق مۇۋاپىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىنتايىن دەھشەتلىك تۈردە باستۇرۇلغان، 70 مىڭدىن ئاتۇرق ئادەم ئۆلتۈرۈلەەن. ئىرلاندلار بىرلەشمىسى رەھبەررلىك قىلغان مۇستەقىللىك ھەرىكىتى شۇنىڭ بىلەن مەغلۇپ بولغان.