UyghurMain Dictionary
ئىرغاتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىرغاتتى.
ئول يىغاچ ئىرغاتتى _ ئۇ ياغاچ ئىرغاتتى. ( ئىرغاتۇر _ ئىرغاتماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
يىگىتلەرىگ ئىشلەتۈ
يىغاچ يەمىش ئىرغاتۇ
قۇلان كەيىك ئاۋلاتۇ
بەزرەم قىلىپ ئاۋنالىم
{يىگىتلەرنى ئىشلىتىپ،
مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىرغاتتۇرۇپ،
قۇلان - كېيىك ئوۋلىتىپ،
بايرام قىلىپ ئاۋۇنايلى.}
سەيلە - تاماشانى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ: يىگىتلەرنى ئىشقا سېلىپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىرغاتتۇرۇپ، ياۋا ھايۋانلارنى ئوۋلىتىپ، بايرام قىلىپ كۆڭۈل ئاچايلى.
1 - 348