Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېرفۇرت پروگراممىسى
دۇنيا تارىخى
爱尔福特纲领
ài ěr fú tè gāng lǐng
<سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 1891 - يىلىدىكى پروگراممىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1891 - يىلى 10 - ئايدا، گېرمانىيىدىكى ئېرفۇرتتا چاقىرىلغان. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. پروگراممىدا ئىشچىلار سىنىپنىڭ كاپىتالىستىكى ئېكىسپىلاتاتىسيىگە قارشى كۈرىشى بىر خىل ئىقتىسادىي كۈرەشلا بولۇپ قالماستىن، ئەينى ۋاقىتتا بىر خىل سىياسىي كۈرەش ئىكەنلىكى، ئىشچىلار سىنىپى ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالماي تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە بولغان ئۇمۇمىي مۈلۈكچىلىكنى يولغا قويالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ھەمدە بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كونكرېت قەدەم - باسقۇچىلىرى بەلگىلەنگەن. ئۇ گەرچە لاسسالچىلىقنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرىنى تازىلىغان، <گوتا پروگراممىسى> غا قارىغاندا بىر قەدەم ئىگىرىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا يەنىلا ئېغىر ھالدىكى ئاغمىچىلىق خاتالىقى مەۋجۇت بولغان. مەسىلەن: ئۇنىڭغا پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ زۆرۈرلۈكى تىلغا ئېلىنمىغان، پادىشاھلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش ۋە دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇش تەلەپلىرى قويۇلمىغان، <سوتسىيالىزمغا تىنچ ئۈسۈپ كىرىش> سەپسەتىسى تارقىتىلغان ۋە باشقىلار. ئېنگېلس ئۆز ماقالىسىدە ئۇنى تەنقىد قىلغان.