UyghurMain Dictionary
ئېرەن
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بىر خىل دەرەخ.
ئابدۇكېرەم ئابباسوۋ «ئېرەن» نى چىڭ، پۇختا دەپ ئۆزىگە تەخەللۇس قىلغان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئسىم.
لەۋ،كالپۇل.
ئەر دېسە، ئېرىنىنى چىشلەپتۇ،
باتۇر دېسە، قۇشقۇنغا ئولتۇرۇپتۇ.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەر، ئەرلەر؛ مەرد، ئەزىمەت:
ھەركىمكى ئەدبسىزدۇر، ئىشىن ئەبتەر بىل،
ئەلقىسسە ئېرەنلەرغە ئەدەب زېۋەر بىل.
نەۋايى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پىسەنت؛ نەزەر، ئېتىبار.
ئېرەن قىلماسلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
بوتانىكا
ھامامېلىس چاتقىلى ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى ئۈچكە يېرىلغان بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، گىرەكلىرىدە ھەرىنىڭكىدەك چىشلىرى بولىدۇ، كۈز پەسلىدە قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. گۈلى سارغۇچ قوڭۇر، مېۋىسى قاناتلىق مېۋە. دەرىخىدىن ئېلىنغان ماينى دورىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.