—Reference
يەر شارىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلغان ئەڭ چوڭ پاراخوت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1972 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى فرانسىيىنىڭ <فرانسىيە> ناملىق ساياھەت پاراخوتى فرانسىيىنىڭ لې ھاۋرې پورتىدىن يولغا چىقىپ، يەر شارىنى بىر قېتىم ئايلىنىش ساياھىتىنى ئېلىپ بارغان، پاراخوتتا جەمئى 2200 يولۇچى بولۇپ، (بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى ئامېرىكىلىق) جەمئىي 88 كۈن يول يۈرگەن، ھەر بىر ئادەم ساياھەت ھەققى ئۈچۈن 27 مىڭدىن 100 مىڭ فرانكقىچە خىراجەت قىلغان.