Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىقتىسادۋازلار
دۇنيا تارىخى
经济派
jīng jì pài
<ئىكونومىستلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. روسىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاغمىچى ئېقىم. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى روسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىدە بارلىققا كەلگەن. پروكو پوۋىچ (1871 - 1955)، كۇسكۇۋا (1869 - 1958) قاتارلىقلار ۋەكىللىك قىلغان. ئۇلار ئىقتىسادىي كۈرەشكە بەكلا بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق نام ئالغان. ئۇلار <ئىشچىلار ئىدىيىسى>گېزىتى ۋە <ئىشچىلار ئىشى> ناملىق ژۇرنالنى نەشر قىلغان، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، ئىشچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى مەنپەئىتىنى كۆزلەش، زاۋۇت ئىگىلىرى بىلەن قانۇنىي ھالدا ئىقتىسادىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت؛ سىياسىي كۈرەش بولسا بۇرژۇئازىيە لىبېراللىرىنىڭ ئىشى، دەپ قارىغان. ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ستېخىيىلىكىگە چوقۇنۇپ، ئىنقىلابىي نەزەرىيىنىڭ يېتەكچىلىك رولىغا سەل قاراپ، ئىشچىلار سىنىپىنى ئىلمىي سوتىسيالىزم ئىدىيىسى بىلەن قوراللاندۇرۇشقا قارشى چىقىپ، سوتسىيالىزم ستېخىيىلىك ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ مەھسۇلى، دەپ قارىغان. تەشكىلىي جەھەتتە، بىرلىككە كەلگەن پرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قارشى چىقىپ، پارتىيىنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى رولىنى ئىنكار قىلغان. ئىقتىسادۋازلانىڭ نۇقتىئىنەزەرىيىسى ئەمەلىيەتتە بېرنىشتېيىن رېۋىزىئونىزمىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرىدىن ئىبارەت خالاس. لېنىن ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىقتىسادۋازلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادۋازلىق ئىدىيىۋى ئېقىمىنى ئۈزۈل - كېسىل تەنقىد قىلغان.