UyghurMain Dictionary
ئىقلىم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ۋىلايەت، ئۆلكە، مەملىكەت، ئىقلىم، قىتئە:
كۆڭۈل ئىقلىمىنى تارج ئېتەرمەن بولماسۇن غافىل،
جۇنۇندىن پارە بولغان خىرقەنىڭ تارى سىپاھىمدۇر.
زەلىلى.
ئىت كەبى تەلمۈرۈبان خاك رەھىڭ باش قويۇبان،
شەھى ئىقلىم ھەمە مۇھتاجۇ گەدايان يەڭلىغ.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەملىكەت؛ يەر يۈزىنىڭ بىر بۆلۈكى، قىتئە، مىنتەقا(يەر يۈزىنىڭ ھەممىسى يەتتى ئىقلىم دېيىشىدۇ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەملىكەت؛ يەر يۈزىنىڭ بىر بۆلىكى، قىتئە (بۇرۇنقىلار يەر شارىنى يەتتە ئىقلىمغا بۆلگەن).
مۇنداق نەرسە يەتتە ئىقلىمدىمۇ تېپىلمايدۇ.
<مېتېئور> مەلۇم رايوننىڭ كۆپ يىللىق ھاۋا رايى ئالاھىدىلىكى.