UyghurMain Dictionary
ئىپتىخار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شان - شەرەپ ھېسسىياتى.
ۋەتەن بىزنىڭ ئىپتىخارىمىز. مەدەنىي مىراسلىرىمىز بىزنىڭ پەخرىمىز. غۇرۇر - ئىنسانىي خۇسۇسىيەت.
پسىخولوگىيە
(ياكى غۇرور) بۇ ئۆز ئۆزىنى باھالىشىدىن تۇغۇلغان ئۆزىنى ئاياش، ئۆز ئۆزىنىڭ ئىززەت ھۈرمىتىنى ساقلاش، ھەمدە باشقىلارنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ھۈرمەتلىشىنى ئۈمىد قىلىش ھېسسىياتى. بۇ ھېسسىيات كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئايىشىدىكى ئىچكى ئامىل بولۇشى، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىق، ئاجىزلىقلىرىنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنداپ، ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى ساقلاشتىكى ئاكتىپ ھەرىكەتلىنىش مۇددىئاسىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئەمما ئىپتىخار بىر خىل كوممۇنىستىك ئەخلاق ئەمەس. چۈنكى ئىپتىخارنىڭ تىزگىنلىشىدىكى شەخسى ھەرىكەت، مەقسەت باشقىلارنىڭ ھۈرمىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن. پەقەت ئىپتىخار بىلەن كوممۇنىستىك ئىدىيە، ئەخلاق بىرلەشكەندىلا توغرا يۆنىلىش بولىدۇ. ئەگەر بىر كىشىنىڭ ئىپتىخارى بىلەن شەخسىيەتچىلىك بىر لەشسە، بىر خىل ساغلام بولمىغان ئىپتىخارغا ئايلىنىپ، كىشىنى ھاكاۋۇر، تەرسا، كاج، قوپال، يولسىزلىق قىلىدىغان، ئىچى تار، ھەسەتخور، ئۆز خاتالىقىنى يوشۇرىدىغان شەخسكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئەخلاقىي تەربىيىدە تەربىيلەنگۈچىلەر ئەخلاقىنى كىشىلىك قەدىر قىممىتىنى ھۈرمەتلەش، ساغلام ئىپتىخارىنى ئاسراشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئاياپ ئۆز ئىززەت - ھۈرمىتىنى ساقلىيالايدىغان قىلىپ تەربىيلەش ساغلام بولمىغان غۇرور، پەخىرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
شان - شەرەپ كەلتۈرىدىغان، پەخىرلەنسە بولىدىغان ئىش، بىر كىم ياكى نەرسە.
ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىپتىخارى.
شان - شەرەپ ھېسسى، پەخىر؛ پەخىرلىنىش.
مېنىڭ شۇ تاپتا ئوسمان مۇئەللىمگە بولغان ھۆرمەت، ئىپتىخارىم يالقۇنجايتتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
پەخرلەنمەك