Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئىپتىدائىي ئاساس
بىئولوگىيە
原基
yuánjī
<باشلانغۇچ ئاساس> ياكى <دەسلەپكى ئاسا> ياكى <پرىموردىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھايۋان تۆرەلمىسى ئىپتىدائىي ئۈچەيلىك تۆرەلمە شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، تۆرەلمە قەۋەتنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىش ۋە ئورگانلارنىڭ شەكىللىنىشى باشلىنىدۇ. تۆرەلمىدىكى كەلگۈسىدە يېتىلىدىغان تەنچىنىڭ ئورگانلىرىنى شەكىللەندۈرەلەيدىغان بەزى بەلگىلىك رايونلار ئىپتىدائىي ئاساس دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، تۆرەلمىنىڭ كەلگۈسىدە كۆز ھاسىل قىلىدىغان رايونى <كۆز ئىپتىدائىي ئاساسى>، مېڭە ۋە يۇلۇن ھاسىل قىلالايدىغان نېرۋا تاختىسى رايونى بولسا، مېڭە بىلەن يۇلۇننىڭ ئورتاق ئىپتىدائىي ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.