Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېپېسوس
دۇنيا تارىخى
以弗所
yǐ fú suǒ
ئېپىسوسمۇ دېيىلىدۇ. قەدىمكى يۇنان شەھىرى. ئورنى كىچىك ئاسىيا قىرغىقىدا بولۇپ، شىمالىي تەرەپتىكى مىلىتوس بىلەن بۇ رايوننىڭ ئىئونىيە كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مۇھىم شەھەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئېگېي دېڭىزى بويىدا ياخشى پورتلار بولۇپ، سودا - سېتىق ترانسپورتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغاچقا، تەرەققىياتى تېز بولغان، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردە ليديوس خانلىقى بېسىۋالغان ۋاقىتتا كىچىك ئاسىيا رايونى بويىچە سودا - سانائەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان. كېيىن پېرسىيە، ماكېدونىيە، پېرگامۇ ۋە رىم تەرىپىدىن ئارقا - ئارقىدىن ئىگىلىۋېلىنغان. رىم دەۋرىدە، ئاسىيا مەمۇرىي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان. كىچىك ئاسىيانىڭ مەدەنىيەتلىك قەدىمكى شەھەرلىرىدىن بولۇپ، ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپ ھېراكلىتوسنىڭ (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردىن Ⅴ ئەسىرگىچە) يۇرتى ئىدى. شەھەردىكى مەيدان، تىياتىرخانا، مەشق سارىيى، تەنتەربىيە مەيدانى، مۇنچا ھەمدە باشقا ئىلاھ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار (ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئارقىلىق ياسالغان). ئۇنىڭ ساپ يۇنان ئۇسلۇبى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدا مەشھۇر ئارتېمىس (ئوۋچىلىق ئىلاھى) نىڭ ئىبادەتخانىسى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ - Ⅵ ئەسىرلەردە قۇرۇلۇشقا باشلاپ، تەخمىنەن مىلادىدىن 356 يىل ئىلگىرى كۆيدۈرۈۋېتلگەن؛ ئىئونىيىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ياردىمى بىلەن قايتا قۇرۇلغان. كۆركەم، ھەيۋەتلىك بولۇپ، قەدىمكى زاماندىكى دۇنياغا مەشھۇر يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاۋگۇستۇستىن ئىلگىرى، ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى يەنە قاچقۇننى <قوغداش ھوقۇقى>دىن بەھرىمەن بولغان. خرىستىئان دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مۇھىم دىنىي رايونلارنىڭ بىرى بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا سان پاۋلو بىەن سان يوھاننىڭ بۇ شەھەر بىلەن مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن بولغان. مىلادى 262 - يىلى گوتلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. بۇ شەھەرنىڭ باشقا ناملىرىمۇ بولغان. مەسىلەن: ئالوپې، ئورتىگيە، مورگې قاتارلىقلار.