UyghurMain Dictionary
ئېپىرۇس
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇناننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر رايون. شىمالىي ئىللىرىيە ۋە ماكېدونىيىگە، شەرقىي پىندوس تېغى ئارقىلىق تېسسالىيىگە، قەنۇبىي ئامبراكىيە ۋە ئاكارنانىيىگە غەربىي ئىئونىيە دېڭىزىغا چېگرىداش؛ دېڭىز بويىدىكى كۆپلىگەن ئاراللىرى ئىچىدە كورسىرا ئەڭ چوڭ. ئاھالىلىرىنىڭ تەركىبى يۇنان قان سىستېمىسىدىن بۇلۇپلا قالماي، دەسلىپىدە پېلاسگىلار كېيىن ئارىلاش كۆچۈپ كەلگەن ئىللىرىيىلىكلەرمۇ بولغان. پايتەختى دودونادا مەشھۇر تەڭرى سارىيى بولۇپ، بۇنى پېلاسگىرل زېۋىسقا ئاتاپ سالدۇرغان. پۈتۈن زېمىنىدا ئون نەچچە قەبىلە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى مولوسلار، جەنۇبتىكى مولوسىس رايونىغا تارقالغان، مولوس بەگلىرىنڭ نەسەبىي ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىۋايەتتىكى باتۇر ئاكىللېسقا چېتىلىدىكەن، كېيىن ئېپىرۇسنى بىرلىككە كەلتۈرگەن پىرۇس جەمەتى ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى سانىلىدىكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسرىنىڭ ئاخىرلىرىدا مەزكۇر خان جەمەتى جەنۇبىي ئىتالىيىگە لەشكەر تارتىپ كىرىپ، تاررېتۇملىقلارنىڭ ئۇرۇش قىلىشىنى قوللىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن Ⅲ ئەسىرگىچە بولغان پادىشاھ پىرۇس ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە سىرتقا كېڭىيىپ، كەڭ يەرلەرنى ئىگىلىۋالغان؛ يەنە بىر قېتىم ئىتالىيىگە بېسىپ كىرىپ ئۇرۇش قىلىپ، رىم تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، مىلادىدىن 198 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيىگە بېقىندى بولۇپ قالغان. رىم بىلەن ماكېدونىيە ئۇرۇشى (ئۈچىنچى قېتىم) دا كېيىنكىسىنى قوللاپ، رىم كونسۇلى ئېمىلىئوس پائونىڭ ياۋۇزلارچە قىساس ئېلىشى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئېپىرۇسنىڭ 70 شەھەر ۋەيران قىلىنىپ ۋە بۇلاپ - تالىنىپ، 150 مىڭ ئاھالە قۇل قىلىنغانىكەن. مىلادىدىن 146 يىل ئىلگىرى رىم زېمىنىغا قوشۇۋېلىنىپ، ئاتاييە ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلغان.