Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئېپامنونداس
دۇنيا تارىخى
伊巴蜜浓达
yī bā mì nóng dá
(مىلادىدىن ئىلگىرى 420 - 362) قەدىمكى يۇنان تېبېس سەركەردىسى. دادىسى پولىمىئوس ئاقسۆڭەكلەرگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسى نامرات بولغان. ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا پىتاگوراسچىلاردىن بولغان لىسستىن ئۆگەنگەن. كېيىن تېبېستا دېموكراتىك ھاكىمىىيەت قۇرغان ھەمدە ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان (مىلادىدىن 379 يىل ئىلگىرى). مىلادىدىن 371 يىلى ئىلگىرى، سپارتا تېبېسقا بېئوتىيە ئىتتىپاقىنى تارقىتىۋېتىشنى بويرۇغاندا قەتئىي باش تارتقان. ئارقىدىنلا پېلوپىداس بىلەن بىللە سپارتانىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان؛ لېئوكتر (ئوتتۇرا يوناندا) ئۇرۇشىدا <قىيپاش قوزۇقلۇق> سپە ئسۇسۇلىنى قوللىنىپ كىلېئومبروتوس قوماندانلىقىدىكى سپارتا قوشۇنىنى يېڭىپ، نامى چىققان. مىلادىدىن 370 يىل ئىلگىرى، غەلىبىدىن پايدىلىنىپ پېلوپوننېسقا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، سپارتاغا يەنە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن، سپارتاغا قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن ھەمدە ئاركادىيە، مىسسىنىيىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ياردەم بېرپ، ئاكاييا رايونىنىڭ ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بەرگەن؛ مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندىلا سپارتا ئۇزاقتىن بۇيان رەھبەرلىك قىلىپ كەلگەن پېلوپوننېس ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كەتكەن. دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، ئافىنا بىلەن دېڭىزدا تەڭپۇڭلۇق تالاشقان. ئافىنا بىلەن سپارتا زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندا تېنېسنى بىر مەھەل يۇناندا كۈچلۈك دۆلەتلىك ئۇرۇنغا ئىگە قىلغان. مىلادىدىن 362 -يىل ئىلگىرى ئاركادىيىنى قوللاش يۈزىسىدىن پېلوپوننېسقا يەنە بىر قېتىم لەشكەر تارتىپ چىقىپ، مانتىنېيە (ئاركادىيە چېگرىسى ئىچىدە) ئۇرۇشىدا يەنە سپارتا ئارمىيىسىنى تارمار قىلىغان؛ لېكىن ئېغىر يارىلىنىپ ھالاك بولغان. تارىخشۇناسلار ھەمىشە ئىپامىنونداسنىڭ پائالىيىتىنى تېبېسنىڭ مۇشۇ قىسقىغىغا ۋاقىت گۈللىنىشىنىڭ بەلگىسى قىلىشىدۇ.