UyghurMain Dictionary
ئوزۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ ھايات ياشىشى ئۈچۈن لازىم بولغان، قورساق تويغۇزىدىغان نەرسىلەر.
بىر سىقىم ئارپىمۇ ئېشەككە ئوزۇق بولار. ئۇزۇق - تۈلۈكى تولۇقنىڭ ئۆمرى تولۇق. يېمەك - ئىچمەك كەم بولغاندا دوستلۇق كۈچىيەر. يېمەك - ئىچمەك ئۆزۈڭدىن، ئايلىقىڭ ئوتتۇز كۈن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئومۇمەن يېيىشكە بولىدىغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلار، يېمەك - ئىچمەك، ئاش - تاماق.
سەپەر ئوزۇقى.
ئۆسۈملۈك قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈشى، سانائەت قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسىلەر، زۆرۈرىي بۇيۇملار.
جىمى جانلىقلار يەردىن ئوزۇق ئېلىپ ھايات كەچۈرىدۇ.
كۆچمە. كۈچ، ئىلھام، مەدەت، غەيرەت.
مەنىۋى ئوزۇق. روھىي ئوزۇق