UyghurMain Dictionary
ئوزا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇلتۇردىن ئىلگىرىكى يىل.
ئوزا بولغان ئىش بۇ يىل يوق. ئالدىنقى يىل ئالدىمنى توسىغان سەنمىدىڭ؟ - دېدى بوۋاي.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوزا، ئوزاقى، ئۆتكەنكى.
ئوزاقى بىلگە ئانچا ئايمىش _ئۆتكەن ئالىملار شۇنداق دېگەن. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئاردى ئوزا ئەرئەنلەر
ئەردەم بەگىل بىلىك تاغ
ئايدى ئۈكۇش ئۈگۈتلەر
كۆڭلۈم بولۇر ئاڭار ساغ
{ئۆتمۈشتە (شۇنداق) ئادەملەر بار ئىدى:
(ئۇلار) تاغدەك بىلىملىك، پەزىلەت ئىگىلىرى ئىدى.
(ئۇلار) نۇرغۇن ئۈگۈت - نەسھەتلەرنى ئېيتتى،
ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلۈم ئېچىلىپ كېتىدۇ}
بۇرۇنقى زامانلاردا ئىلىم، ھىكىمەت ۋە پەزىلەت ئىگىلىرى بار ئىدى. ئۇلار جىق ئۈگۈت - نەسھەتلەرنى ئېيتقان ئىدى. بۇ ئۈگۈت - نەسىھەتلەرنى ئەسلىسەم، كۆڭلۈم يايراپ كېتىدۇ.
1 - 120
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئۆتۈپ كەتكەن كۈن ياكى يىلنىڭ ئالدىدىكى.
ئوزا كۈن. ئوزا يىل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەلپاز، تاشقى قىياپەت، تۇرق، سىرتقى كۆرۈنۈش، رەڭگىروي.
- ئوزايىڭدىن قارىغاندا، بىر قىيىن ئىشقا دۇچ كەلگەندەك قىلىسەنغۇ؟ - دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.
كەيپىيات، روھ.
قىزنىڭ ئوزايىدىن يىگىتنى ئاللىقاچان كۆرگەنلىكى سېزىلىپ تۇراتتى.