Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوئېسۇگى كېنشىن
دۇنيا تارىخى
上杉廉信
shàng shān lián xìn
(1530 - 1578) ياپونىيىنىڭ يېغىلىق دەۋرىدىكى فېئودال خوجىدار. ئېچىگو (بۈگۈنكى نىئگاتا ناھىيىسى) نىڭ مۇۋەققەت مۇھاپىزەتچىسى نىگائو تامېكاگىنىڭ ئوغلى. ئىلگىرىكى ئىسمى ئاگىئۇ، 1156 - يىلىدىن باشلاپ فامىلىسىنى ئوئېسۇگى دەپ ئۆزگەرتكەن. 1570 - يىلىدىن كېيىن ئاندىن كېنشىن دەپ ئاتالغان. باتۇر، جەڭگە ماھىر. 1548 - يىلى ئۆز قېرىندىشى كىيۇئاگىنىڭ ئورنىغا دەسسەپ كاسۇگا شەھىرىنىڭ خوجايىنى بولغان. 1561 - يىلى كانتو باشلىقى ئوئېسۇگى كىتاجۇ ئوجماسا تەرىپىدىن قوغلانغاندا، ياردەم سورىغىلى كېلىپ، فامىلىسىنى ئوئېسۇگى، ئىسمىنى ماساتۇرا قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 1562 - يىلى ئاشىكاگا يوشىتېرۇنىڭ تېرۇ دېگەن سۆزىنى قوللىنىپ، تېرۇتورا دەپ قوللىنىپ، كانتونىڭ باشلىقى بولغان. 1553 - 1564 - يىللاردا تاكېتا شىنگېن بىلەن ھازىرقى ناگانو ناھىيىسىنى تالىشىپ كۆپ قېتىم جەڭ قىلىپ 1561 - يىلى كاۋاناكاجىما جېڭىدە مەغلۇپ بولغان. 1573 - يىلى بۈگۈنكى توياما ناھىيىسىنى تىنچىتىپ، كاگا (ئىسئىكاۋا ناھىيىسى) گە ھۇجۇم قىلىپ ئۇدانو بۇناگا بىلەن تىركىشىپ تۇرغان. كېيىن كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.