Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوئىكېنتارو
Domain: دۇنيا تارىخى大井宪太郎
dà jǐng xiǎn tài láng
(1843 - 1922) ياپونىيە ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى. ئەسلى فامىلىسى تاكانامى. بالىلىق ۋاقتىدىك ئىسمى خىكوروكو، ياش دەۋرىدە خىمىيە ئۆگەنگەن. 1869 - يىلى كىزوكورى رىنشو (1846 - 1847) دىن فرانسۇز تىلى ئۆگەنگەن ۋە فرانسىيىنىڭ سىياسىتى، قانۇنى ۋە ئىقتىسادىي ئىدىيىسىنى تەتقىق قىلغان. 1874 - يىلى ماكىتو تىسوجرو دېگەن تەخەللۇسى بىلەن ماقالە يېزىپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى مۇستەقىل قىلىشنى، ئومۇمىي سايلام يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلق سايلام پالاتاسىنى تەسىس قىلىشقا قارشى تۇرىدىغان ھۆكۈمەت تەرەپ ئالىمى كاتوخرويۇكى بىلەن بەس - مۇنازىرىلەشكەن. 1875 - يىلى ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1882 - يىلى لىبېراللار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1885 - يىلى چاۋشيەن مۇستەقىللىك پارتىيىسىنى قوللاپ، ئوساكا ۋەقەسىنى قوزغىغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان، 1889 - يىلى كەچۈرۈم قىلىنىپ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن بۈيۈك بىرلىك ئىتتىپاقىلىق ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. كېيىن شەرقىي ئوكيان لىبېرال پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ياپونىيە ئەمگەكچىلەر جەمئىيىتىنى ۋە ئىجارىكەش دېھقانلار نىزامىنى تەكشۈرۈش ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللەپ، ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە دېھقانلر ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان، ئۇنىڭ <ئېقىم مەسىلىلىرى توغرىسىدا>، <ئەركىنلىك ھەققىدە> دېگەن ئەسەرلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.