UyghurMain Dictionary
ئوخىراما سايوشى
دۇنيا تارىخى
(1910 - 1980) ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1978 - 1980). ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ لىدىرى (1978 - 1980). كاگاۋا ناھىيىسىنىڭ مىتوبو ۋىلايىتىدىكى تويوخاماچودا تۇغۇلغان. توكيو سودا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. خەزىنە ۋازارىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ خەزىنە ۋازارىتى پىلان ئىدارىسىنىڭ خوجىدارى، توكيو مالىيە ئىدارىسى ۋاسىتىلىك باج بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، خەزىنە ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرىنىڭ كاتىپى، خەزىنە ۋازارىتى پىلان ئىدارىسىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئىش ھەققى ئىدارىسى ئۈچىنچى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىقتىسادىي ئەمىنلىك باش ئىدارىسى جامائەت ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1952 - يىلدىن باشلاپ، 11 قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن. ئىكېدا ئىچكى كابېنېتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى باشلىقى (1960 - 1962) ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1962 - 1964)؛ ساتو ئىچكى كابىنېتىدا سودا - سانائەت ۋەزىرى (1968 - 1970)؛ تاناكا ئىچكى كابىنېتىدا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى (1972 - 1974) ۋە خەزىنە ۋازارىتى ۋەزىرى (1974)؛ مىكى ئىچكى كابىنېتىدا خەزىنە ۋازارىتى ۋەزىرى (1974 - 1976) بولغان. 1976 - يىلى 12 - ئايدا، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى بولغان. 1979 - يىلى 12 - ئايدا، ئىچكى كابىنېت تەشكىل قىلىپ، ۋەزىپە ئۆتەش داۋامىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. جۇڭگونى ئۈچ قېتىم (1972، 1974، 1979 - يىللاردا) زىيارەت قىلغان. <جۇڭگو - ياپونىيە بىرلەشمە باياناتى> ۋە <ياپونىيە - جۇڭگو سودا كېلىشىمى> نى ئىمزالاشقا قاتناشقان، جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.