Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوۋاھران شەرتنامىسى
Domain: دۇنيا تارىخى瓦赫兰条约
wǎ hè lán tiáo yuē
فرانسىيە بىلەن ئالجىرىيە ئىمزالىغان شەرتنامە. 1834 - يىلى 2 - ئايدا ئوۋاھراندا ئىمزالانغانلىقتىن مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمونى: فرانسىيە ئالجىرىيىنىڭ غەربىي رايونى (دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردىن باشقا) دىكى ئابدۇقادىر ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە بارلىق ئۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئەركىن ئېلىپ - سېتىشقا بولىدىغانلىقىنى جاكارلاش؛ فرانسىيە ئۇرۇشى ئەسىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش؛ <ئورتاق ھۆكۈمرانلىق ئاسىتدا ياشاۋاتقان> ئىككى دۆلەت خەلقى تىنچلىقتىن بىللە بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت. فرانسىيە <ئورتاق ھۆكۈمرانلىقى> دېگەننى <فرانسىيە ھۆكۈمرانلىقى> دەپ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەن ھەمدە 1835 - يىلى ئۇرۇش قوزغىغان
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.