Chinese→UyghurMain Dictionary
有尾目
بىئولوگىيە
قۇيرۇقلۇقلار ئەترىتى
قوش ماكانلىقلار سىنىپى، بەدىنى باش، گەۋدە، قۇيرۇق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. گەۋدىسى ئۇزۇنچاق، قۇيرۇق تەرەققىي قىلغان، يۇمىلاق يكى ئوڭ - سولغا ياپىلاق بولۇپ، ئۈزۈشكە ماسلاشقان. كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ تۆت پۇتى، ئاز ساندىكىلىرىنىڭ پەقەت ئالدى پۇتىلا بولىدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك تۈرلىرىدە قالدۇق ساقلانغان خوردىسى بار. باش سۆڭىكىنىڭ پەردە خاراكتېرلىك قاتتىق سۆڭەكلىرىنىڭ يوقىلىشى ئازراق، ئومۇرتقا تەنىسى تۆۋەن دەرىجىلىك تۈرلىرىدە ئىككى تەرەپتىن ئويمان، يۇقىرى دەرىجىلىك تۈرلىرىدە كېيىنكى تەرىپى ئويمان بولىدۇ. كۆكرەك (تۆش) سۆڭىكى ۋە قوۋۇرغىلىرى، ئاجرالغان قۇيرۇق ئومۇرتقىلىرى بولىدۇ. بىلەك سۆڭىكى بىلەن يان بىلەك سۆڭىكى، پاقالچاق سۆڭىكى بىلەن يان پاقالچاق سۆڭەكلىرى ئايرىلغان. ئادەتتە ناغرا پەردىسى ۋە ناغرىخانىسى (داپ بوشلۇقى) بولمايدۇ. كۆز قاپىقى يوق ياكى ھەرىكەتلەنمەيدىغان كۆز قاپىقى بولىدۇ. بەزىلىرى ئۆمۈر بويى سۇدا ياشايدۇ ھەم سىرتقى ژابراسى بولىدۇ؛ بەزىلىرى ھالەت ئۆزگەرتكەندىن كېيىن قۇرۇقلۇقتىكى نەم ئورۇنلارغا يۆتكىلىپ ھايات كەچۈرىدۇ. كۆپچىلىكى بەدەن ئىچىدە ئۇرۇقلىنىدۇ. سەككىز ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەم ئاسىياغا تارقالغان. مەملىكىتىمىزگە كىچىك ترىتونلار ئائىلىسىدىكى (Hynobiidae) سىبىرىيە كىچىك ترىتونى، چوڭ ترىتونلار ئائىلىسى (Cryptodranchidae) دىكى گىگانت ترىتون (كونىچە نامى بوۋاق بېلىق) ۋە سەمەندەرلەر ئائىلىسى (Salmandridae) دىكى شەرق سەمەندەرى قاتارلىقلار تارقالغان. غار سەمەندەرلىرى ئائىلىسى (proteidae) دىكى پاتقاق سەمدەندەرى بىلەن غار سەمەندەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىمالىي ئامېرىكىنىڭ تاتلىق سۇلىرىدا ۋە جەنۇبىي ياۋروپادىكى غارلاردا ئۇچرايدۇ؛ سىرېنا ئائىلىسى (Sirenidae) دىكى سىرېنالار شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا تارقالغان.
ئۇنىۋېرسال
yǒu wěi mù
قۇيرۇقلۇقلار ئەترىتى