Chinese→UyghurMain Dictionary
优势原则
پسىخولوگىيە
ئۈستۈنلۈك پرىنسىپى
بۇ چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ فۇنكسىئونال پائالىيىتىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. ئورگانىزم ناھايىتى مۇھىم غىدىقلىغۇچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، ماس ھالدىكى نېرۋا مەركىزىدە بىر قەدەر مۇقىم، مەركەزلەشكەن قوزغىلىش مەركىزى پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە قوزغىلىش مەركىزى شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل مەركەز باشقا نېرۋا مەركەزلىرىنىڭ پائالىيىتىگە تەسىر قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باشقا مەركەزلەرنىڭ تەسىرنى قوبۇل قىلىش رولىنى تورمۇزلاپ، ئۇلارنى ئادەتتىكى پائالىيەت ھالىتىگە كەلتۈرۈشى ۋە ئىنكاس (رېئاكسىيە) پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ، مەلۇم نېرۋا مەركىزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قوزغىلىش مەركىشى بارلىققا كەلگەندە، باشقا مەركەزلەر نىسپىي ھالدا تورمۇزلىنىش ھالىتىگە كېلىدۇ. مانا بۇ مەركەز نېرۋا پائالىيىتىنىڭ بىر ئاساسىي پرىنسىپى بولۇپ، ئۈستۈنلۈك پرىنسىپى دېيىلىدۇ. شەرتسىز رېفلېكس بىلەن شەرتلىك رېفلېكسنىڭ شەكىللىنىشى مۇشۇ پرىنسىپ بويىچە بولىدۇ. بەزى پسىخىك ھادىسىلەر مەسىلەن: دىققەت فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن بۇ خىل ھادىسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك.