Chinese→UyghurMain Dictionary
优龙芝
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەرفرۇنزې
سوۋېت قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جاي ئەسلىدە قوقان بەگلىكىگە تەئەللۇق مۇھىم بىر ئورۇن بولغان، 1878 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. 1926 - يىلىدىن ئىلگىرى <پىشپېك> دەپ ئاتالغان. شەھەر جايلاشقان چۇ دەريا ۋادىسى بىلەن قىرغىز تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكى دېڭىز يۈزىدىن 750-900 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. شەھەر ئاھالىسى 603 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). شەھەرنىڭ سانائىتى خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ماشىنىسازلىق (يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، ئاپتوموبىل قوراشتۇرۇش، ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش)، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش (گۆش، ئۈزۈم ھارىقى)، يۇڭ توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ. شەھەردە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى، نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، فرۇنزې مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلار بار.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.