Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوت كرېست ئۆمىكى
دۇنيا تارىخى
火十字团
huǒ shí zì tuán
جەڭگىۋار كرېست ئۆمىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فرانسىيىدىكى فاشىستىك تەشكىلات. ئۇنىڭ رەھبىرى، كەسپى ئوفىتسېر پولكوۋنىك لاروكې (1886 - 1945) ئىدى. ئەسلىدە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ تەشكىلاتى بولۇپ، 1919 - 1920 - يىللىرى قۇرۇلغان (ئوڭچىل سىياسەتۋازلارمۇ قاتناشقان)، كېيىن يېرىم ھەربىي خاراكتېردىكى تەشكىلاتقا ئايلانغان. 1933 - يىلى يەنە ياشلار تەشكىلاتى ۋە ئاياللار تەشكىلاتلىرى قۇرۇلغان. 1934 - يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى فاشىستىك توپىلاڭغا قاتناشقان. 1936 - يىلى 6 - ئايدا خەلق فرونتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. 7 - ئايدا قايتىدىن تەشكىللىنىپ <فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى> دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە پېتايىننىڭ قوللىشى بىلەن <فرانسىيە ئىلغارلار پارتىيىسى> گە ئۆزگەرتىلگەن. 1945 - يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.