UyghurMain Dictionary
ئوستراكودېرما
بىئولوگىيە
<ساۋۇتلۇق >قالقانلىق< بېلىقلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ تۈردىكىلەر قەدىمكى بېلىقسىمان ھايۋان بولۇپ، <قالقان تېرىلىكلەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ھازىر مەلۇم بولغان ئەڭ دەسلەپكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تاش قالدۇقى. ئادەتتە ئۇلارنىڭ باش، كۆكرەك قىسىملىرى قاتتىق سۆڭەك پلاستىنكىسىغا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. قەدىمكى رېتسارلارنىڭ ساۋۇت - دۇبۇلغىلىرىغا ئوخشاپ كەتكەچكە شۇنداق ئاتالغان. ئوستراكودېرمىلار بىلەن ھازىرقى يۇمىلاق ئېغىزلىقلار سىنىپىدىكى ھايۋانلار جاغسىز ھايۋانلارغا كىرىدۇ، ئاغزىدا ئۈستۈنكى - ئاستىنقى جاغلىرى يوق، جۈپ پالىقى يوق ياكى تەرەققىي قىلمىغان، بۇرۇن تۆشۈكى تاق ۋە ئېندوبلاستتىن كەلگەن ژابرا خالتىسى بولىدۇ، ئىچكى قۇلىقىدا ئىككى دانە يېرىم ئايلانما نەيچىسى بار، بەدىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسكىلىتى كۆمۈرچەكلەردىن تۈزۈلگەن. ئۇلار تاتلىق سۇلارنىڭ تۆۋەنكى قاتلىمىغا ماكانلاشقان بولۇپ، سۇ تېگىدىكى كىچىك ھايۋانلارنى سۈمۈرۈپ ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى دەسلەپ پالېئوزوي ئېراسىنىڭ ئوردوۋىك دەۋرىدىن تېپىلغان، سىلۇر دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا راسا ئاينىپ، دېۋون دەۋرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. ئاساسلىق قالقانباشلىق بېلىق (cephalaspides). قالقانسىز بېلىق (Birkenides) ۋە پالاقچە قالقانلىق بېلىق (pterolspides) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئاسىيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدىن ئۇلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرىنى تېپىشقا بولىدۇ. ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىنمۇ تېپىلغان. ئوستراكودېرمىلارنىڭ تاش قالدۇقلىرى بولغان يەر قاتلىمىغا ئاساسلانغاندا، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى تاتلىق سۇدىن باشلانغان دېگەن خۇلاسىنى كىشلەر قوبۇل قىلالايدۇ.