UyghurMain Dictionary
ئوسمان ئەمرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىنىڭ دىنىي داھىيىسى، ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ كىچىك غايىبلىق دەۋرىدىكى تۇنجى ۋەكىلى بولۇپ، <نائىب> دېيىلدى (مەنىسى ۋەكىل دېگەنلىك بولىدۇ). مۆمىنلەر بىلەن غايىب ئىمام مۇناسىۋەتلىشىدىغان ۋاستە، دەپ قارالدى. ئونىنچى ۋە ئون بىرىنچى ئىمامنىڭ كاتىبى ۋە مەخپىي ۋەكىلى بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ سوۋغاتلىرىنى ۋە تىلاۋەتلىرىنى ئىمامغا يەتكۈزدى. ئىمامنىڭ مۇددىئاسى ۋە جاۋابىنى كىشىلەرگە يەتكۈزدى. ئەمەلىيەتتە مەخپىي ئالاقە تورىنى كونترول قىلىپ تۇردى. كېيىن غايىب ئىمامنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن داۋاملىق ۋەكىل بولدى ھەمدە ئون بىرىنچى ئىمامنىڭ ئۇكىسىنىڭ ئىمامغا ۋارىسلىق قىلىش غەرىزىنى مەغلۇپ قىلدى. ھايات چېغىدا ئوغلى ئەبۇ جەئفەرنى ئىككىنچى نائىب قىلىپ بەلگىلىدى.