UyghurMain Dictionary
ئوشۇقى ئالچۇ چۈشمەك
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
تەلىيى، ئامىتى ئوڭدىن كەلمەك، ئىشىلىرى يۈرۈشۈپ كەتمەك، تىلىگەن تىلىكىگە يەتمەك: ئۆز ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۇنى بىر پارچە ھارام گۆشتەك تاشلىۋەتكىنىنى دېمىگەندە، ئوشۇقى ئالچۇ چۈشىدىغان ئۇستا قىمارۋازغا، جەڭدە ئەلىمى يىقىلمايدىغان غالىب سەرۋازغا ئوخشايتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئامىتى ئوڭدىن كەلمەك، ئىشلىرى يۈرۈشۈپ كەتمەك، تىلىگەن تىلىكىگە يەتمەك.
تاغىسىنىڭ قايتىپ كېلىشى نادىرنىڭ ئوشۇقىنى ئالچۇ چۈشۈردى.