Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوسېبېرگ
Domain: دۇنيا تارىخى奥兹伯格
ào zī bó gé
شىمالىي ياۋروپا دېڭىز قاراقچىلىقى دەۋرىدىكى كېمە قەبرىستانلىقى. نورۋېگىيىنىڭ ۋېستفولد رايونىدا بولۇپ، 1926 - يىلى قېزىپ چىقىرىلغان. كېمە كۆك سېغىز توپا قەۋىتىدىن تېپىلغان، ياخشى ساقلانغانىكەن. كېمىدە دېڭىزچىلىقنىڭ ھەرخىل ئەسۋابلىرىدىن باشقا، يەنە ئىككى چوڭ چېدىر، بىر دانە تۆت چاقلىق ھارۋا، تۆت دانە چانا، كارىۋات، ئىشكاپ، قاچىلاش ئەسۋابى، توقۇش دەستىگاھى ۋە ئات، ئىت، قوي قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرى بار. كېمە تۇمشۇقى ۋە چانىدا يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ باش شەكلى ۋە ھايۋان تېرىسىدىكى سىزىقچىسىمان مېتال، تېرە، ياغاچ ئويما بېزەكلەر بولۇپ، <ئوسېبېرگ تىپى> دەپ ئاتالغان، ئۇلار دېڭىز قاراقچىلىقى دەۋرىنىڭ تىپىك سەنئەت بۇيۇملىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.