Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوسا تاكېكى
Domain: دۇنيا تارىخى尾佐竹猛
wěi zuǒ zhú měng
(1880 - 1946) ياپونىيىلىك تارىخشۇناس. قانۇنشۇناسلىق دوكتورى. ئىشىكاۋا ناھىيىسە تۇغۇلغان. خەنزۇشۇناس ئوسا كېياسونىڭ ئوغلى. 1899 - يىلى مېيجى قانۇن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1918 - يىلى توكيو ئەرزىيەت مەھكىمىسىدە دادخاھ بوغلان. 1924 - يىلى ئالىي سوت مەھكىمىسىدە دادخاھ بولغان. 1942 - يىلى ئالىي سوت مەھكىمىسىدە تەكشۈرگۈچى بولغان. 1931 - يىلىدىن باشلاپ يەنە مېيجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، ئاۋام پالاتاسى ئاساسىي قانۇن تارىخىنى تۈزۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى، ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى 50 يىللىق تارىخىنى تۈزۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان. ئاساسەن مېيجى ئاساسىي قانۇن تارىخى، مەدەنىيەت تارىخى، يېڭىلىققا كۆچۈش تارىخىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن مۇھىم تارىخىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان؛ يوشىنو ساكوزو (1878 - 1933) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن مېيجى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، 24 توملۇق <مېيجى مەدەنىيىتى ئەسەرلىرى> نى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <يېڭىلىققا كۆچۈشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ئىدىيىسى>، <ياپونىيە ئاساسىي قانۇن تارىخى پروگراممىسى>، <مېيجى يېڭىلىقى> قاتارلىقلار بار. كېيىن 15 توملۇق <ئوسا تاكېكى ئەسەرلىرى> نەشىر قىلىنغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.