UyghurMain Dictionary
ئورۇنلاشماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر يەرگە يەرلىشىپ تۇرۇپ قالماق، بىرەر خىزمەتكە تەيىنلەنمەك.
يېزىلارغا بارغان زىيالىي ياشلارنىڭ بىر مۇنچىسى شۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ قالدى. ئوقۇش پۈتتۈرگىلى ئىككى ئاي بولدى، تېخى بىرەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرمىدى. يولدا بىر ئۆيگە بىر ئوبدان جايلىشىۋالدۇق. جايلاشماققا جاي يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئورۇنلىماق> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر جايغا ماكانلاشماق، شۇ جاينى ئىگىلىمەك.
ئۇ 50 - يىللاردا مۇشۇ يېزىغا كېلىپ ئورۇنلاشقانىدى.
ئومۇمەن ۋاقىتلىق تۇرالغۇ، قونالغۇ قىلىش ئۈچۈن چۈشمەك، قونالغۇ قىلماق.
ئۇلار ئاتۇش مەھەللىسىدىكى جامال گايىتنىڭ سارىيىغا ئورۇنلاشتى.
جايلاشماق، بىنا قىلىنماق، سېلىنماق.
بۇ يېزا چەت بىر جاڭگاللىققا ئورۇنلاشقانىدى.
خىزمەتكە، ئىشقا ياكى ئوقۇشقا كىرمەك، مەلۇم بىر ساھەدە مۇلازىمەت قىلىشقا كىرىشمەك.
ئۇ ئىككى كۈن <يول> مېڭىپلا ناھىيىلىك رادىئو ئۇزىلىغا ئورۇنلاشتى.