UyghurMain Dictionary
ئورۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم بىر بوشلۇق، بۆلەك، بىر قىسىم.
جاي بەرگەنگە جان بەر. ئورۇننىڭ تارلىق، كۆڭۈلنىڭ تارلىقى خورلۇق. ئورۇن ئادەم كۆركى ئەمەس، ئادەم ئورۇن كۆركى. ئەقىل بار يەردە يول بار. پەن ھەممە يەردە ماكان تۇتىدۇ، بىراق ئۇرۇق سېلىمىغان يەر ھوسۇل بەرمەيدۇ.
بىئولوگىيە
گېننىڭ خروموسوما ياكى DNA مولېكۇلىسىدا ئىگىلىگەن ئورنى بولۇپ، ئازدۇر - كۆپتۇر <گېن> بىلەن ئالماشتۇرۇپ قوللىنىلىدۇ، مەسىلەن، مېۋە چىۋىننىڭ سېزىق تەن گېنى X خروموسومىنىڭ ئۇچىدا بولۇپ، بۇ ئورۇن سېرىق تەن گېنىنىڭ تۇرىدىغان ئورنى ھېسابلىنىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يەر؛ تەخت؛ رايون؛ تۇرار جاي
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر ئادەم، نەرسە ئىگىلەپ تۇرغان ياكى ئىگىلىشى مۇمكىن بولغان يەر، جاي، مەيدان ياكى بوشلۇق، تەكشىلىك.
ئۇنىڭ كىيىملىرى، سەللىسى ئۆزى قويغان ئورۇندا تۇراتتى.
ئادەم ياكى نەرسە ئۈچۈن تەييارلانغان ياكى بەلگىلەنگەن مەخسۇس جاي.
ئۇ كارىۋاتنى يەنە ئۆز ئورنىغا جايلاشتۇردى.
ئۇخلاش، يېتىپ دەم ئېلىش ئۈچۈن راسلانغان يوتقان - كۆرپە، ياستۇق قاتارلىقلار.
- ئورۇن سېلىپ قويدۇم، ئەمدى ئۇخلا بالام، - دېدى ئانىسى.
ياشاش ئۈچۈن باشپاناھ، تۇرار جاي، ماكان.
كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن بۇ شەھەردىن بىرەر كىشىلىك ئورۇن تېپىلىپ قالار.
بىرەر نەرسىنىڭ مەلۇم بىر جايى، قىسمى، بۆلىكى.
قوليازمىنىڭ بەزى ئورۇنلىرى تۇتۇق ئىدى.
ئىدارە جەمئىيەت، ئورگان، تەشكىلات.
شۇ كۈنكى تازىلىققا 68 نازارەت، ئىدارە ۋە ئورۇن قاتناشتى.
بىرەر كەسىپ، ئىش، تىجارەت تۈرلىرى بويىچە پائالىيەت داۋاملىشىدىغان جاي، يەر.
تەتقىقات ئورنى. داۋالاش ئورنى. مۇلازىمەت ئورنى. ئىش ئورنى. خىزمەت ئورنى.
بىرەر ئىش، ھەرىكەت قىلىشتىكى زۆرۈرىيەت، ھاجەت؛ ئېھتىياج ياكى شەرت - شارائىت.
قەسەم ئىچكەنلىكىم ئۈچۈن، قارشىلىق قىلىشقا ئۇرۇن قالمىغانىدى.
ئىش، خىزمەت؛ ۋەزىپە.
ئورنىنى ئىگىلىمەك. ئورنىغا ئادەم قويماق. ئورنىنى باسماق.
بىرەر كىشى ياكى نەرسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىكى نوپۇزى.
ھەر ئىككىمىز ناھىيە دەرىجىلىك ئىدارىدا ئىشلەيمىز. ئورنىمىز، مائاشىمىز، ھەتتا نام - ئابرويىمىزمۇ ئوخشاش.
مەلۇم ساھەدە ئېرىشكەن دەرىجە، نام.
ئۇ تىياتىر بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان داڭلىق ئارتىس ئىدى.
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنىڭ بېجىرىلىشىدىكى قولاي پۇرسەت، پەيت، مۆرىت.
سۆزنى ئورنىدا ئىشلەتمەك.
تەۋەلىك Ⅲ شەخس قوشۇمچىسى ۋە يۆنىلىش، ئورۇن كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن كېلىپ: 1( <ئەسلى>، <بۇرۇنقى ھالىتى> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
كۆڭلى ئورنىغا چۈشمەك. ئورنىغا كەلمەسلىك.
2) <ئورنىدا، ئىزدا، بەدىلىگە؛ ۋاكالەت> دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
بىر ھەپتە قاسىمنىڭ ئورنىدا ئىشلىدىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئورۇن، جاي، ماكان.