Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئورتېگا
دۇنيا تارىخى
奥尔特加
ào ěr tè jiā
(1883 - 1955). ئىسپانىيىلىك پەيلاسوپ. دەسلەپتە مادرىد داشۆسىدە ئوقۇغان، كېيىن گېرمانىيىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. 1910 - يىلى مادرىد داشۆسىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. <ئىسپانىيە>، <غەرب ئوبزورى> قاتارلىق ژۇرناللارنى تەسىس قىلغان. دې رىۋېرا ئىستىبداتلىقنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، داشۆ پروفېسسورلۇقىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1931 - يىلى 2 - ئايدا <جۇمھۇرىيەتكە سادىق گۇرۇپپا> نى ئۇيۇشتۇرغان. كېيىن جۇمھۇرىيەت پارلامېنتى ئەزاسى بولغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ، فرانسىيە، گوللاندىيە، ئارگېنتىنا ۋە پورتۇگالىيىلەردە مۇھاجىر بولۇپ ياشىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. 1948 - يىلى مادرىدتا گومانتارلىق شۆيۈەنىنى قۇرغان. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى ماربۇرگ ئېقىمىدىكى يېڭى كانتچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇ ھەرخىل ئىستىئارىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە مايىل بولغانلىقى ئۈچۈن، مەشھۇر تىل سەنئەتكارى دەپمۇ قارالغان. ئاساسىي ئەسەرلىرى <دونكىخوت ھەققىدە مۇلاھىزە>، <ئاجىز - ئىقتىدارسىز ئىسپانىيە>، <زامانىمىزدىكى ئاساسىي تېما>، <ئاممىنىڭ قارشىلىقى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئالتە توملۇق ئەسەرلەر توپلىمى بار.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
奥尔特加
ào ěr tè jiā