Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئورېنبۇرگ
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,تارىخ
奥伦堡
ào lún bǎo
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر奥伦堡
ào lún bǎo
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي ئورال رايونىغا جايلاشقان ئورېنبۇرگ ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر ساكمارا دەرياسىنىڭ ئورال دەرياسىغا قۇيۇلۇش ئاغزىغا يېقىن ئورۇنغا جايلاشقان. ئاھالىسى 520 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). بۇ شەھەرنىڭ ئاساسى 1735 - يىلى سېلىنغان. ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەبىئىي گاز، ماشىنىسازلىق، يېمەك - ئىچمەك سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. ئورېنبۇرگدا ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گاز پۈتۈن سوېت ئىتتىپاقى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گازنىڭ 11% نى (1981) تەشكىل قىلىدۇ. بۇ جايدىن ئېلىنغان تەبىئىي گاز ئورال، ۋولگا قاتارلىق رايونلارنى تەمىنلەشتىن سىرت، تۇرۇبا ئارقىلىق پولشا، گېرمانىيە، چېخوسلوۋاكىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە توشۇلىدۇ. شەھەردە چوڭ تىپتىكى تەبىئىي گازنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مېدىتسىنا ھەم سىفەن شۆيۈەنلىرى بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.