UyghurMain Dictionary
ئورگىنىيە ئوتى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بوتانىكا
گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تەركىبىدە يېپىشقاقلىق شىرنىسى بولىدۇ. يەر ئاستى تەڭگىچە غولى ناھايىتى چوڭ. يوپۇرمىقى كەڭ ھەم تۆمۈنە شەكلىدە بولۇپ، توپلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى ئاق، كىچىك بولۇپ ئومۇم گۈل رېتىدە بولىدۇ، ياز ۋە كۈزدە ئېچىلىدۇ. تەڭگىچە غولى ئارقىلىق كۆپىيىدۇ. تەڭگىچە غولىنىڭ يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش رولى بار.