Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوردېئال
دۇنيا تارىخى
神意裁判法
shén yì cái pàn fǎ
تارىختىكى بىر خىل ساختا ئىلاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە سوت قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ سۇغا چۆكتۈرۈش، ئوتتا كۆيدۈرۈش، دۇئېلغا چۈشۈرۈش ۋە مۇقەددەس غىزا قاتارلىق تۈرلىرى بار. ئۇنىڭ ئاقىۋىتىگە قاراپ، ئەيىبكارنىڭ ئىلاھنىڭ پاناھىغا ئېرىشكەن - ئېرىشەلمىگەنلىكى، گۇناھسىز ياكى گۇناھكار ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. ئادەتتە باشقا سوتلاش ئۇسۇللىرى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمىغان ئەھۋالغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. سۇغا چۆكتۈرۈش، ئەيىبكار باغلىنىپ سۇغا تاشلىنىدۇ، ناۋادا چۆكۈپ كەتسە، گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ؛ ئەگەر لەيلەپ قالسا، پاك سۇ قوبۇل قىلمىدى دەپ قارىلىپ، گۇناھكار دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئوتتا كۆيدۈرۈش: ئەيىبكارغا قىزىتىلغان تۆمۈرنى تۇتۇپ، مەلۇم ئارىلىققىچە مېڭىشقا ياكى گۈلخان ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە بويرۇق بېرىلىدۇ، ناۋادا كۆيۈپ يارىلانمىغان بولسا، گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئەكسىچە بولسا گۇناھكار دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. دۇئېلغا چۈشۈرۈش: بۇ ئۇسۇل ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ئەركىن پۇقرالارغا ئىشلىتىلىدۇ (چۈنكى يانچى ۋە قۇللارنىڭ قورال تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ)، دۇئېلدا يەڭگۈچى گۇناھسىز بولىدۇ، يېڭىلىپ قالسا، گۇناھكار دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. مۇقەددەس غىزا: بۇ ئۇسۇل مىسسىئونېرلارغا ئىشلىتىش بىلەن چەكلىنىدۇ، ئەيىبكار بىر يۇتۇش بىلەن بىر پارچە بولكا ۋە ئېرىمچىكنى يېۋىتەلىسە، گېلىغا تۇرۇپ قالمىسا گۇناھسىز، ئەكسىچە بولغاندا گۇناھكار دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، قاتىللىق دېلولىرىدا، ئەيىبكارغا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جەسىتىگە تېگىش بۇيرۇق قىلىنىدۇ، ناۋادا جەسەتنىڭ يارىسىدىن قان چىقىپ ئاغزىدىن كۆپۈك ئۆرلىسە ياكى جەسەت قىمىرلىسا، ئەيىبكار گۇناھكار دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئوردېئالنى رەت قىلغۇچىلار بىردەك يۈرىكى پوك - پوك دەپ قارىلىپ، گۇناھكار دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئوردېئال ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادا ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇ تېئوكراتىيىنىڭ ئەدلىيەنى كونترول قىلىۋالغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. Ⅻ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، ئوردېئال ئەنگلىيىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ⅩⅢئەسىردىن كېيىن، ياۋروپا قىتئەسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ قالدۇقى ⅩⅧ ئەسىرگە قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى بەزى مىللەتلەرمۇ شۇ خىلدىكى ئەدلىيە - سوتلاش ئۇسۇلىنى ئىشلەتكەن.