UyghurMain Dictionary
ئوردوۋىك دەۋرى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
گىئولوگىيە
قەدىمىي ھايات ئېراسىنىڭ ئىككىنچى دەۋررى. تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەپ ئۈچ ئەسىرگە بۆلۈنىدۇ. 500 مىليون يىل بۇرۇن باشلىنىپ، 450 مىليون يىل بۇرۇن ئاياغلاشقان. ھايۋاناتتىن ئۈچ بوغۇملۇق قۇرت، قەلەم قۇرت، بېغىش پۇتلۇقلار، تىكەن تېرىلىكلەر، بىخ مارجانلار تەرەققىي قىلغان. ئۆسۈملۈكلەردىن يۈسۈنلەر تەرەققىي قىلغان. بۇ مەزگىلدە دۆلىتىمىزنىڭ كۆپلىگەن ئۆلكىلىرى سۇ ئاستىدا بولغان بولۇپ، ھاك تاش، دولومىت جىنس، تارىشا جىنسلار تەرەققىي قىلغان. شەرتلىك بەلگىسى: O.