Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئورائونلار
Domain: ئۇنىۋېرسال奥昂人
ào áng rén
Domain: دۇنيادىكى مىللەتلەر奥月人
ào yuè rén
ئورائونلار ئۆزلىرىنى <كۇرۇكلار>، <دانگارلار> دەپمۇ ئاتايدۇ، ئۇرائۇنلار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دراۋېدلارنىڭ بىر تارمىقى. ئاھالىسىنىڭ 4.99 پىرسەنتى ھىندىستاننىڭ بېخار، غەربىي بېنگال، ئورسىسا، مەركىزى شىتات ۋە ماخاراشتىرا شىتاتلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئاز بىر قىسمى بېنگالدا ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 1 مىليون 610 مىڭ.
ئورائونلار ئاۋىسترالىيە ئىرقى ۋېدا تىپىغا كىرىدۇ؛ دراۋېد تىللىرى سىستېمىسى شەرقىي شىمال تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە كۇرۇك تىلىنى قوللىنىدۇ.
ئورائونلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى خرستىئان دىنى پروتېستانتىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ ياكى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن.
ئورائونلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئورائونلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەسلىدە دىكان ئېگىزلىكىدە ياشاپ كېيىن، ھىندستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا كۆچۈپ كەلگەن دراۋېدلارنىڭ بىر تارمىقى ئىدى.
ئورائونلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىمۇ ئاددىي بولۇپ، ئەرلىرى كالتە ئىشتان كېيىدۇ، ئاياللىرىمۇ قىسقا يوپكا كېيىپ، كۆكسىنى ئوچۇق قويىدۇ.
ئورائونلار ئاياللارنى دېھقانچىلىق سايمانلىرىغا يىقىن كەلتۈرمەيدۇ، بولۇپمۇ ساپاننى تۇتقۇزمايدۇ. ناۋادا ساپاننى ئاياللار تۇتۇپ قويغان بولسا، پۈتۈن يېزىدىكىلەر ئەنسىزلىك ئىچىگە چۈشىدۇ، بالا - قازا ۋە تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىشتىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارايدۇ. ھەمدە ساپاننى تۇتقان ئايالنى ساپانغا قېتىپ يەر ئاغدۇرۇشقا سالىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.