UyghurMain Dictionary
ئورا كولىماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىراۋنىڭ مەنپەئەت، ئىستىقبالىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماق، تۇزاق قۇرماق، قەستلىمەك: ئۇلار پۇرسەت تاپسىلا نۇشىرۋان تەيجىنى مەخسۇتقاچېقىپ، ئۇنىڭغا ئورا كولايتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
نەرسىلەرنى كۆمۈش ئۈچۈن ئورا قازماق.
مەن ئاشلىقلارنى كۆمۈش ئۈچۈن ئۆينىڭ ئىچىگە بىر ئورا كولىدىم.
كۆچمە. بىراۋنىڭ مەنپەئەت، ئىستىقبالىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماق، تۇزاق قۇرماق، گۆر كولىماق.
ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا كىشىلەرگە ئورا كولاش بىلەن كۈن كەچۈرگەن.