UyghurMain Dictionary
ئوقراشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۇند قامۇغ ئوقراشدى _ ھەممە ئاتلار (ھەلەپنى كۆرۈپ) ئوقرۇقلىدى ( ئوقراشۇر _ ئوقراشماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ياشىن ئاتىپ ياشنادى
تۇمان تۇرۇپ تۇشنادى
ئازغىر قىسىر كىشنەدى
ئۈگۈر ئالىپ ئوقراشۇر
چاقماق قارسىلداپ چاقتى،
تۇمان تۇرۇپ ئوتتۇرىلاندى،
ئايغىر، بايتال كىشنىدى،
ئۇيۇر بولۇپ ئوقرۇقلىشار.
باھارنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دەيدۇ: ھەممە ياقتا تۇمان ئۆرلەپ، چاقماقلار چاقتى، باھار كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئايغىرلار بىلەن بايتاللار زوقلىنىپ، كىشنەپ ئۇيۇر بولۇشتى، بىر - بىرى بىلەن جۈپلەشتى.
1 - 313