Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئوپپېنھېيىم
دۇنيا تارىخى
奥本海
ào běn hǎi
(1858 - 1919)، خەلقئارا قانۇنشۇناس. گېرمانىيىدە تۇغۇلغان. 1885 - يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فرېبۇرگ، باسېل داشۆلىرىدە پروفېسسور بولغان. 1895 - يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ خەلقئارا قانۇننى تەتقىق قىلغان. 1908 - 1919 - يىللاردا ئوكسىفورد داشۆسىنىڭ خەلقئارا قانۇندىن دەرس بېرىدىغان پروفېسسورى بولغان. ئۇ خەلقئارادىكى ئەھۋاللارنى بۇرژۇئازىيە سۈيىئىستېمالچىلىق نۇقتىئىنەزەرى بىلەن تەھلىل قىلغان ھەمدە تارىختىكى خەلقئارا رەسىم - ئادەتلەرنى توپلاپ، جاھانگىرلىك سىياسىتىنى ئاقلىغان. <خەلقئارا قانۇن> دېگەن ئەسىرى بار.