UyghurMain Dictionary
ئون ئىككى مىس تاختىغا ئويۇلغان قانۇن
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى رىمنىڭ ئەڭ بالدۇرقى يازما قانۇنى. رىمدا دەسلەپتە يازما قانۇن يوق ئىدى، ئادەت قانۇنىنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قولىدا ئىدى، پۇقرالارنىڭ تەلەپ قىلىشى ئا. كلائۇدىئۇسنىڭ باشچىلىقىدا قانۇن تۈزىدىغان ئون كىشىلىك كومىتېت قۇرۇلۇپ، مىلادىدىن 451 يىل ئىلگىرى، ئون باب تۈزۈپ چىقىلغان؛ ئىككىنچى يىلى يەن يېڭىدىن ئون كىشىلىك كومىتېت قۇرۇلۇپ، يەنە ئىككى باب تۈزۈپ چىقىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 12 مىس تاختىغا ئويۇلۇپ ئېلان قىلىنغانلىقتىن مۇشۇنداق ئاتالغنا. ئەسلى نۇسخىسى يوقىلىپ كېتىپ، پەقەت لاتىن يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى توپلىمىدا تولۇق بولمىغان پارچە ماددىلىرى ساقلانغان. قانۇندا خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ۋە قۇلدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئېنىق بەلگىلەنگەن. مەسىلەن: مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىشتا مەرھۇمنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىش كېرەك، ئەگەر ۋەسىيىتى بولمىسا ھەم ۋارىسلىق قىلغۇچىمۇ بولمىسا، ئاتا جەمەتىدىكى يېقىن تۇغقانلىرى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك (بەشىنچى باب)؛ مەسىلەن: قەرز پۇل ئېلىش ۋە بېرىش شەرتىدە، يىللىق ئۆسۈم دىرىنىڭ 12 دىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، مۇددىتى توشقاندا قايتۇرالمىسا، ھەقدار قەرزدارنى سوتنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا تاپشۇرسا بولىدۇ ھەمدە قەرزدارغا كىشەن ۋە كويزا سېلىپ قويسا، ھەتتا ئۆلتۈرۋەتسە ياكى قۇل قىلىپ سېتىۋەتسە بولىدۇ (ئۈچىنچى، سەككىزىنچى بابلار)؛ مەسىلەن: يەتكۈزگەن زىياننى تۆلەشتە، ئەگەر كىشىگە زىيان يەتكۈزۈپ ئەپلىشەلمىگەندە، زىيانغا ئۇچرىغان كىشى ۋەقە تۇغدۇرغۇچىغا تەڭ دەرىجىدە زىيان يەتكۈزسە (قانغا قان، جانغا جان ئالسا) بولىدۇ. بىراق، ئادەمنىڭ سۆڭىكىنى ئۇرۇپ سۇندۇرۋەتسە 300 ئاس جەرىمانە قويۇلىدۇ، قولىنى سۇندۇرۋەتسە جەرىمانىنىڭ يېرىمى كېمەيتىلىپ تۆلەنسە بولىدۇ (سەككىزىنچى باب)؛ بۇنىڭدىن باشقا، ئاۋام خەلق بىلەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نىكاھلىنىشى تەقىپ قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىمۇ بار ئىدى (11 - باب). قانۇندا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىلگىرىكىدەك ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىشنى مەلۇم دائىرىدە چەكلىگەن (مەسىلەن: بېرىلگەن - ئېلىنغان قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمى). قانۇن بويىچە جازا ئۆلچەش يولغا قويۇلغان، ئاقسۆڭەكلەرمۇ قانۇننى خالىغانچە چۈشەندۈرسە بولمايدۇ دېيىلگەن. 12 پارچە مىس تاختىغا ئويۇلغان قانۇن كېيىنكى دەۋردە رىم قانۇنىنىڭ ۋە ياۋروپا قانۇنشۇناسلىقىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان.