Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئون ئالتىنچى ئاپرېل ۋەقەسى
Domain: دۇنيا تارىخى四.一六事件
sì .yī liù shì jiàn
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنڭ كوممۇنىستىك پارتىيىنى باستۇرۇش ۋەقەسى. <15 - مارت> ۋەقەسىدىن كېيىن تاناكا گىئىچى ھۆكۈمىتى كوممۇنىستلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغان. 1929 - يىل 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تاڭ سەھەردە بىر ۋىلايەت، ئۈچ مەھكىمە، 24 ناھىيىدىن بولۇپ جەمئىي 700 نەپەردىن ئارتۇق كوممۇنىست ۋە ئىلغار زاتنى قولغا ئالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 290 كىشى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان، بۇ قېتىمقى چوڭ باستۇرۇش ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى تەشكىلاتىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. پارتىيىنىڭ كۆپچىلىك رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.