UyghurMain Dictionary
ئون تۆت نۇقتا
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋىلسون بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان پروگرامما. 1917 - يىلى 11 - ئايدا سوۋېت روسىيىسى <تىنچلىق پەرمان> نى ئېلان قىلغان. 1918 - يىلى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ۋىلسون <تىنچلىق پەرمان> غا تاقابىل تۇرۇش، ھەرقايسى كاپىتالىستىك ئەللەرنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە ۋە مۇستەملىكە، يېرىم مۇستەملىكە ئەللەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ۋە توسقۇنلۇق قىلىش يۈزىسىدىن، ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا دائىر <14 نۇقتا> لىق پروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تارقاتقان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمومى مۇنۇلار: (1) تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئوچۇق - ئاشكارا تۈزۈش؛ (2) مەيلى ئۇرۇش مەزگىلى ياكى تىنچلىق مەزگىل بولسۇن ئوچۇق دېڭىزدا قاتناشتا مۇتلەق ئەركىنلىك بولۇش؛ (3) دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي توسالغۇنى تۈگىتىش ھەمدە سودىدا باراۋەت بولۇش شارائىتىنى يارىتىش؛ (4) ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەربىي ھازىرلىقلارنى ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ماس كېلىدىغان ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغىچە قىسقارتىش؛ (5) مۇستەملىكىلەرگە قويۇلغان تەلەپلەرنى تەڭشەش؛ (6) گېرمانىيە قوشۇنى روسىيىدىن چىقىپ كېتىش؛ روسىيە مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش؛ (7) گېرمانىيە قوشۇنى بېلگىيىدىن چىقىپ كېتىش؛ (8) گېرمانىيە قوشۇنى فرانسىيىدىن چىقىپ كېتىش، ئالساسې - لورائىننى فرانسىيىگە قايتۇرۇپ بېرىش؛ (9) ئىتالىيە چېگرىسىنى قايتىدىن تەڭشەش؛ (10) ئاۋسترىيە ۋە ۋېنگرىيە مىللىي ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش؛ (11) بالقان دۆلەتلىرىىڭ زېمىنىنى قايتىدىن تەڭشەش؛ (12) ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگرىسى تەۋەلىكىدىكى غەيرىي تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئاپتونومىيىسىنى يولغا قويۇش، داردانېل بوغۇزىنى ئېچىۋېتىش؛ (13) دېڭىزدا چىقىش ئېغىزى بولغان مۇستەقىل پولشانى قايتا قۇرۇش؛ (14) خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇش. <14 نۇقتا> <ۋېرسال شەرتنامىسى> نى تۈزۈشتە مەلۇم رول ئوينىغان.