UyghurMain Dictionary
ئونويا سۇمارو
دۇنيا تارىخى
(؟ - 723) ياپونىيە نارا دەۋرىنىڭ دەسلەپكى چېغىدىكى ئوردا پۈتۈكچىسى. دوچىن پىنجىنىڭ ئوغلى دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ. مىلادى 711 - يىلى (ۋادونىڭ 4 - يىلى)، تېننو موتوئاكىنىڭ پەرمانى بىلەن ھىئىبدا نوئارى بايان قىلغان <خاننىڭ كۈنلىرى> بىلەن <ھازىرقى زاماندىكى كونا سۆزلەر> نى خاتىرىلەپ، كېيىنكى يىلى يانۋاردا ئۈچ توملۇق <قەدىمكى ئىشلار خاتىرىسى> نى يېزىپ چىققان. 720 - يىلى (يورونىڭ 4 - يىلى) <ياپون مەكتۇپلىرى> نى تۈزۈشكىمۇ قاتناشقان. ئۇنىڭ قەبرىسى 1979 - يىلى نارادىن تېپىلغان.